ئەردوغان سۇلتانئاھمەت جامەسىنى قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى تاماملانغان سۇلتانئاھمەت جامەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1978020
ئەردوغان سۇلتانئاھمەت جامەسىنى قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۈمە نامىزىنىمۇ يېڭىدىن ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلگەن سۇلتانئاھمەت جامەسىدە ئۆتىدى ۋە نامازدىن كېيىن سۆز قىلىپ، سۇلتانئاھمەت جامەسىنى ئەسىرلەر بويىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، يېڭى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇلىدىغان ھالەتتە ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بىز مۇشۇنداق گۈزەل بىر كۈندە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى تاماملىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدۇق» دېدى.

ئۇ سۇلتانئاھمەت جامەسىنىڭ ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋوللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ پەقەت بىر جامە بولۇپلا قالماستىن، ئەينى ۋاقىتتا مەدرىسە، مۇنچا، فونتان ۋە باشقا نۇرغۇن تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر