يەرلىك رېئاكتىپ ئايروپىلانىمىز «HÜRJET» نىڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلىشىغا ساناقلىق كۈنلەر قالدى

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى «MMU» دىن كېيىن، يەرلىك رېئاكتىپ ئايروپىلان «HÜRJET» نىڭمۇ ئۇچۇش يولىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

1962147
يەرلىك رېئاكتىپ ئايروپىلانىمىز «HÜRJET» نىڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلىشىغا ساناقلىق كۈنلەر قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر تۋىتتېر ئادرېسىدا تۈرك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى (TUSAŞ) نى بەلگىلەپ، «HÜRJET» ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

«HÜRJET» نىڭ مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى «MMU» كېيىن ئۇچۇش يولىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىسمائىل دەمىر: «يەرلىك رېئاكتىپ ئايروپىلانىمىزنىڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلىشىغا ساناقلىق كۈنلەر قالدى. ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەممەيلەننى تەبرىكلەيمەن، بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئىپتىخارى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر