تۈركىيەنىڭ تۇغما توكلۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇنجى يەرلىك ئاپتوموبىلى <TOGG> يوللاردا

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى نىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان بۇرسا گەملىكتىكى زاۋۇتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئېچىلدى.

1899451
تۈركىيەنىڭ تۇغما توكلۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇنجى يەرلىك ئاپتوموبىلى <TOGG> يوللاردا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى <TOGG>  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رەسمىي پۈتۈپ يولغا چىقتى.

<TOGG> نىڭ بۇرسا گەملىكتىكى زاۋۇتى نۇرغۇنلىغان يەرلىك ۋە چەتئەللىك مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

بۇرسانىڭ گەملىك نەھىيەسىدىكى مۇراسىمغا قاتناشقان ئىشتىراكچىلار 1961 – يىلى تۈركىيەنىڭ 4 – جۇمھۇر رەئىسى جەمال گۇرسەلنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ئاپتوموبىلى بولغان <Devrim> ماركىلىق ئاپتوموبىل بىلەن بىرگە «TOGG» نىڭ دالا ۋە پىكاپ مودېللىرىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنى زور قىزىقىش بىلەن كۆردى.

يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن روبوتلار ئارقىلىق تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدىغان زاۋۇتتا، 2030 - يىلغىچە بىرلا بازىدىن 5 خىل ئوخشىمىغان مودېلدا جەمئىي 1 مىليون ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانماقتا.

«TOGG» شىركىتىنىڭ نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى گۇرجان قاراقاش ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۆت يېرىم يىللىق تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئاخىرىغا يېتىپ كەلگەنلىكىمىزدىن خۇشالمىز. دۇنيا مىقياسىدا رىقابەتكە تەييارمىز» دېدى.

2023-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە تۈركىيەنىڭ تۇغما توكلۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يەرلىك ئاپتوموبىلى <TOGG> نىڭ <C SUV> دالا ماشىنىشى مودېلى بازارغا سېلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىلى «TOGG»، «ئانادولۇ»، «گەملىك» ، «ئولتۇ» ، «كۇلا»، «كاپادوكيا» ۋە «پامۇققەلئە» ناملىق  تۈركىيەنىڭ رەڭلىرى بىلەن يوللاردا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر