مالىيە مىىستىرى شىمشەك بىريۇسسېلدا

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

2139256
مالىيە مىىستىرى شىمشەك بىريۇسسېلدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر شىمشەك بىريۇسسېل زىيارىتى دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ ۋە «تۈركىيە: ياۋروپا ئېكولوگىيە سىستېمىسىدا ئىلگىرىلەش» پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل كومىسسارى پاۋلو گېنتىلونى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىچكى بازار ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى تىئېررى برېتون، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى، پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقى ۋە كاپىتال بازىرى ئىشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ كومىسسارى مايرېد ماكگۇينېس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.

شىمشەك پىروگراممىسى دائىرىسىدە بىريۇسسېلدىكى مۇھىم تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان برۇگېل تەتقىقات مەرىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۈركىيە: ياۋروپا ئېكولوگىيە سىستېمىسىدا ئىلگىرىلەش» ناملىق پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر