ئەردوغان پىراگادا بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چېخىيەدە چاقىرىلغان ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، پايتەخت پىراگادا بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رۇمېن رادېۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1889564
ئەردوغان پىراگادا بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «پىراگا قەلئەسى» دىكى ئۇچرىشىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ يەردە كېيىنچە ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز، چېخىيە باش مىنىستىرى پېتىر فىئالا، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننى قوبۇل قىلدى، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.

ئەردوغان، ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر