ئەردوغان چېخىيەگە يېتىپ باردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگاغا يېتىپ باردى.

1889215
ئەردوغان چېخىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتىن سىرت يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان 17 ياۋروپا دۆلىتى تەكلىپ قىلىنغان يىغىندا، «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» تېمىلىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ؛ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك، ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىقتىسادىي ئەھۋال قاتارلىق نۆۋەتتە ياۋروپا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا دائىر تۈركىيەنىڭ قارىشى، تۆھپىسى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ھەمراھ بولۇۋاتقان ئەردوغاننىڭ، بەزى رەھبەرلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى پىكرى، ئالدى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تەرىپىدىن ماي ئېيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

يىغىننىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىرتىدا ۋە ياۋروپا مىقياسىدا بىر سىياسىي مۇنازىرە مۇنبىرى بولۇشى نىشان قىلىنماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىمۇ بۇ پىكىرنى قوللىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر