ئەردوغان چېخىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا چاقىرىلغان ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى يىغىنى ھارپىسىدا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1889451
ئەردوغان چېخىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
erdogan macron cekya.jpg
erdogan cekya aliyev-pasinyan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «پىراگا قەلئەسى» گە بارغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ يەردە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ئەردوغان، ماكرون بىلەن بولغان سۆھبىتى ئەسناسىدا ئۇنىڭغا، «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا فىرانسىيەنىمۇ ئەزالىققا قوبۇل قىلايلى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كېيىنچە رەھبەرلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتىن سىرت يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان 17 ياۋروپا دۆلىتى تەكلىپ قىلىنغان يىغىندا، «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» تېمىلىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ؛ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك، ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىقتىسادىي ئەھۋال قاتارلىق نۆۋەتتە ياۋروپا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا دائىر تۈركىيەنىڭ قارىشى، تۆھپىسى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ھەمراھ بولۇۋاتقان ئەردوغاننىڭ، بەزى رەھبەرلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ياۋروپا سىياسىي ئورتاق گەۋدىسى پىكرى، ئالدى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تەرىپىدىن ماي ئېيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

يىغىننىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىرتىدا ۋە ياۋروپا مىقياسىدا بىر سىياسىي مۇنازىرە مۇنبىرى بولۇشى نىشان قىلىنماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىمۇ بۇ پىكىرنى قوللىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر