ئەردوغان ئىيوردانىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 77-قېتىملىق يىغىنى ئۈچۈن نىيۇ يوركقا يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1882495
ئەردوغان ئىيوردانىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت مەركىزىدە نۇتۇقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ ۋە ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ ب د ت مەركىزىدە يەنە، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئالسانى، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئۇل، باڭلادىش باش مىنىستىرى شەيخ ھاسىنا ۋەجىد بىلەن سۆھبەتلەشتى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئۇل جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ناتودىكى رولىنى ۋە رەھبەرلىكىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پىرېزىدېنت يۇن سۇكيېئۇلنىڭ جەنۇبىي كورېيە زىيارەت تەكلىپىگە جاۋابەن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جەنۇبىي كورېيەنى زىيارەت قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كۆرۈشۈشىمىز كېرەك، قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ بىلەن قىلغان سۆھبىتىگە، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسمۇ قېتىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت مەركىزىدىن ئىيوردانىيە پادىشاھ 2-ئابدۇللاھ ۋە ھەيئەتلەر بىلەن بىرلىكتە تۈرك ئۆيىگە باردى. بۇ يەردە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پادىشاھ 2-ئابدۇللاھ ئايرىم كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) باشلىقى گىياننى ئىنفانتىنو، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى يائىر لاپىد ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيونى ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، باش ۋەزىر كىشىدا فۇمىيو رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملىرىنى «خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ ئاساسىنى تەۋرەتكەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدۇر» دېگەن.

كىشىدا فۇمىيو كۆرۈشۈشتە، ھۇجۇم ئاستىدىكى ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئېكسپورتىنى داۋاماشتۇرۇشتا تۈركىيەنىڭ ئوينىغان رولىنى ۋە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى ماختىغان.

ئىككى رەھبەر ئىقتىسادىي شېرىكلىك كېلىشىمىنى تېز سۈرئەتتە نەتىجىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مۇزاكىرەلەرنى تېزلەشتۈرۈش توغرىسىدا پۈتۈشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تۋىتتېردا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۇق. نۆۋەتتىكى ىەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر