مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى مىنىستىرى تىممېرمانسنى قوبۇل قىلدى

مۇھىت ئاسراش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم مۇئاۋىن رەئىسى فرانس تىممېرمانس بىلەن كۆرۈشتى.

1815727
مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى مىنىستىرى تىممېرمانسنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر قۇرۇم بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم مۇئاۋىن رەئىسى فرانس تىممېرمانس، ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر دىيالوگ يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىنغا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مەسئۇلى فارۇق قايماقچى، مۇھىت ئاسراش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى مەھمەت ئەمىن بىرپىنار، كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مەسئۇلى ئورھان سولاق قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر