ئالتۇن: ت ر ت نىڭ فىرانسۇزچە دىجىتال خەۋەر مۇنبىرى مۇھىم مۇساپە بەلگىسىدۇر

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) نىڭ فىرانسۇزچە دىجىتال خەۋەر مۇنبىرىنىڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە تارىخىدىكى زور مۇساپە بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1808062
ئالتۇن: ت ر ت نىڭ فىرانسۇزچە دىجىتال خەۋەر مۇنبىرى مۇھىم مۇساپە بەلگىسىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە،  ت ر ت نىڭ فىرانسۇزچە دىجىتال خەۋەر مۇنبىرى «TRT Français» نىڭ تارقىتىش بېرىشكە باشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) نىڭ فىرانسۇزچە دىجىتال خەۋەر مۇنبىرى < TRT Français>، رادىيو - تېلېۋىزىيە تارىخىدىكى زور مۇساپە بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ مۇنبەر، فىرانسۇز تىلىدا دۇنياۋى خەۋەرچىلىكنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ، دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ھالقىلىق مەسىلىلىرى ھەم ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر