ئەردوغان تالىبان ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان تالىبان بىلەن ئالاقە قىلىشى مەسىلىسى توغرۇلۇق سىگنال بەردى.

1689688
ئەردوغان تالىبان ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈنۈگۈن كەچتە بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، «نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىمىز تالىبان بىلەن قىسمەن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش دەرىجىسىگىچە بېرىپ يەتكەنكە قەدەر ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن  تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە، ھەتتا بەلكى مەنمۇ ئۇلارنىڭ رەھبىرى سەۋىيەسىدىكى كىشىنى قوبۇل قىلىشىم مۇمكىن» دېدى.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ماي ئېيى باشلانغان ۋە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تاماملىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان چېكىنىش پائالىيەتلىرىدىن كېيىن، تالىبان داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئافغانىستان ھەققىدە توختالغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تالىبانلارنى يۇقىرى سەۋىيەدە كونترول ئاستىغا ئالمىساق، ئافغانىستاندا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرالىشىمىزمۇ مۇمكىن بولمايدۇ، (ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتقان) قاتار رەھبىرى بىلەن بۈگۈن كەچتە تېلېفوندا كۆرۈشتۈم؛ تالىباننىڭ تاشلاۋاتقان قەدەملىرىنى قەيەردە توختىتالىشىمىز، قەيەردە كېلىشىم تۈزۈشكە قارىتا قەدەم تاشلىيالىشىمىز ھەققىدە ئويلىشىۋاتىمىز.»

ئەردوغان، ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ ئالغا ئىلگىرىشىدىن قېچىپ، تۈركىيەگە كەلگەن ئافغانلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئىران چېگرا ئېغىزىدىكى بولسۇن، مەيلى ئىراقتىكى چېگرا ئېغىزىدىكى بولسۇن، مۇداپىئە سېپىللىرىمىزنى يۈكسەلدۈرۈۋاتىمىز، بۇ جايلاردا يۈكسىلىۋاتقان سېپىللاردىن مەقسەت، بۇنداق تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتۇر.»

ئۇ يەنە، تۇتۇلغان تەرتىپسىز ئافغان كۆچمەنلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ، ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن تەكرار ئافغانىستانغا قايتۇرۇلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر