ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى قارارنامەسىنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2021 – 2023 – يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامەنى ئېلان قىلدى.

1631206
ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى قارارنامەسىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەردوغان، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارنامەدە، «ئەركىن شەخس، كۈچلۈك جەمئىيەت؛ تېخىمۇ دېموكراتىك بىر تۈركىيە» تېمىلىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانغا ئاساسەن، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە تەييارلانغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنىڭ، 2021 – يىلى، 2 – مارت كۈنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەرىكەت پىلانىدا،  كەڭ دائىرىلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر ساھەلىرىنى كېڭەيتىشتىن سىرت يەنە، ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ قولاي بەھرىمەن بولغىلى بولىدىغان، جاۋابكارلىق سۈرۈشتە قىلىنالايدىغان، باراۋەرلىك، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئادىللىق ئاساسىدا سۇنۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەرنى يۈكسەلدۈرۈش نىشان قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قانۇننى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەدە ئاڭلىقلىق ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كۆزدە تۇتۇلماقتا.»

ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ئائىت ئۆلچەملەرنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، پۇقرالارنى رازى قىلىشنى ئاساس قىلىپ، دېموكراتىيەنى كۈچەيتىش مۇساپىسىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھەرىكەت پىلانىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ۋە ئوچۇق-ئاشكارا چۈشەنچە بىلەن كۆزىتىش مەقسىتىدە، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلار، دۆلەت ئاپپاراتلىرى، ئورۇنلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت ھەم رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن،  «كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى نازارەت قىلىش ۋە باھالاش ھەيئىتى» قۇرۇلدى.

ھەيئەت ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولىدۇ ھەمدە ھەيئەتنىڭ خىزمەت تەرتىپى ۋە پىرىنسىپلىرى ھەيئەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر