ئامېرىكا باش ئەلچىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرنى «​​ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش خاراكتېرلىق باياناتى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى داۋىد ساتتېرفىلىد تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

1627819
ئامېرىكا باش ئەلچىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باش ئەلچىسى ساتتېرفىلىدقا، تۈركىيەنىڭ مەزكۇر باياناتقا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقى يەتكۈزۈلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايدىننىڭ باياناتىنىڭ ئىناۋەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، «مەزكۇر باياناتقا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىمىز باش ئەلچى ساتتېرفىلىدقا يەتكۈزۈلدى. ھېچقانداق تارىخىي ۋە قانۇنىي ئاساسى بولمىغان مەزكۇر باياناتنى قەتئىي قوبۇل  قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە پۈتۈنلەي رەت قىلغانلىقىمىز ھەمدە كۈچلۈك ئەيىبلىگەنلىكىمىز بىلدۈرۈلدى» دېدى.

ساتتېرفىلىدقا بايدېننىڭ باياناتىنىڭ خەلقئارا قانۇن جەھەتتە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى، بۇنىڭ تۈركىيە خەلقىنى چوڭقۇر ئازابلىغانلىقى ۋە مۇناسىۋەتلەردە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قېيىن بولغان جاراھەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر