شىرناقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

شىرناق ۋىلايىتىنىڭ بەيتۈششەباپ ناھىيەسىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1435238
شىرناقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى قاتناشتۇرۇلغان ۋە ھاۋادىن ياردەم بېرىلگەن ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر ئىزچىل داۋامىشىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ ھۇزۇر ۋەئامانلىق مۇھىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، فىرات قالقىنى رايونىدا بىر، زەيتۇن شېخى رايونىدا 6 تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر