تۈركىيەدە يۇقۇم سانى مىڭنىڭ ئاستىدا بولماقتا

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ۋە يۇقۇملانغانلار سانىدىكى چۈشۈش بىلەن ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

1422175
تۈركىيەدە يۇقۇم سانى مىڭنىڭ ئاستىدا بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ۋە يۇقۇملانغانلار سانىدىكى چۈشۈش بىلەن ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

بىر كۈنلۈك  يۇقۇم سانىنىڭ مىڭنىڭ ئاستىغا چۈشۈشى، كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 27 گە چۈشۈشى بىلەن، بۇ سان 4 مىڭ 276 بولدى.

24 سائەتتە 37 مىڭ 507 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 952 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 1 مىڭ 121 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇنىڭ بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 116 مىڭ 111 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر