ئەردوغان:  بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيەگە يۈزلىنىۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رايونىمىزدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈركىيەگە يۈزلىنىۋاتقنالىقىنى ئېيتتى.

1111762
ئەردوغان:  بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيەگە يۈزلىنىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيە ياشلار فوندىنىڭ ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 3 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، ياشلارغا خىتاب قىلغاندا مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ 2053 – ۋە 2071 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى بەلگىلەش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئامانەت سۈپىتىدە چىن دىلىمدىن ئىشىنىدىغان سىلەرگە تاپشۇرىمەن. جۇغراپىيەمىزدە، رايونىمىزدا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېشىغا كۈن چۈشكەن، مال – مۈلۈكلىرى ۋە جېنى تەھدىتكە دۇچ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى، دىنى، تىلى، مەزھىپى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيەگە يۈزلىنىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەر مۇساپىرلارغا خۇددى ۋابا كېسىلىدەك مۇئامىلە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ، تاپقان – تەرگەنلىرىنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر