تۈركىيە بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، بىرمادا 25 – ئاۋغۇست كېچىسى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىنكى مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

798219
تۈركىيە بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ، بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ راخاين ئۆلكىسىدە 25 – ئاۋغۇست كېچىسى مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردىن كېيىنكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىس پەيدا قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، «بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىمىز بىرما دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلدى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىنىڭ؛ ئۆي – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان يېڭى كىشىلەرنىڭ پەيدا قىلىنماسلىقىنىڭ ۋە رايونغا ياردەملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.» دېيىلدى.

بىرمادىن باڭلادىشقا ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان روھىڭيالارغا تېگىشلىك قولايلىقنىڭ يارىتىپ بېرىلىشىنىڭ ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى ۋە بۇ جەھەتتىكى ياردەم تەكلىپىنىڭ باڭلادىش دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەشكىلاتنىڭ ۋاقتىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشى توغرىسىدىكى ئۈمىدىمىز ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر