18.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2129259
18.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەززەدە 14 مىڭ بالىنى ئۆلتۈرگەن ئىسىرائىلىيەنىڭ گىتلېرنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى جاسارەت بىلەن قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھاماسنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىشغالچى ئىسىرائىلىيەگە قارشى قوغدىغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قوللىغانلىقىنى تەقدىرلىگەن ھاماسنىڭ، تۈركىيەدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان خەلقنىڭ غەززە خەلقى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، خاقان فىداننىڭ، «بىز رايوندىكى دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى توقۇنۇشلىرىنى بۇ جۇغراپىيەگە يېيىشىنى خالىمايمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ قاتار زىيارىتىدە ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، كۆرۈشۈشتە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى(AK Parti)  باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ گىرېتسىيەنىڭ «مۇھىت قوغداش پائالىيىتى» نامى ئاستىدا ئەگە ۋە ئىيون دېڭىزىنى «دېڭىز باغچىسى» دەپ ئېلان قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ھېچقانداق شەكىلدە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۆمەر چەلىكنىڭ، «گىرېتسىيە ھەر تۈرلۈك سۈيىئىستېمالدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. رايون ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىگە ۋە زوراۋانلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.    


خەتكۈچ: #ستار , #ۋەتەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر