16.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2128207
16.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، كۆرۈشۈشتە رايون ۋەزىيىتى، غەززەنىڭ ئەھۋالى، قىبرىس مەسىلىسى ۋە قارا دېڭىزنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىننىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى (CIA) ۋىليام بۇرنس (William Burns) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس ھېيتتا ئىبراھىم قالىنغا تېلېفون قىلىپ، ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاستىچىلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، ئىبراھىم قالىن بۇرنس بىلەن تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىبراھىم قالىن بۇرنس بىلەن سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى، ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرەلىرى، رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش، ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە غەززەلىكلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

«ساباھ گېزىتى»، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ 1 – ئاپرېلدىن 7 – ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1412 ئايروپىلان سەپىرى بىلەن، ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، پاكىستاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مۈنىر ئاقرامنىڭ تۈركىيە-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مۈنىر ئاقرامنىڭ، «شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىز، ۋەزىيەت ئېنىق ئەمەس ۋە مۇقىم بولمايۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ھەم ياۋروپا ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر