05.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2125041
05.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يېڭى شەپەق» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىپ: «رايونىمىزنىڭ كەلگۈسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قەتئىي ئورۇن بېرىلمەيدۇ» دېيىلگەنلىكىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىت: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى «تۈركىيەنىڭ غەززە خەلقى ۋە ياردەم تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇپ، رايونغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقى»نى قوللاشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن» گېزىتى: تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ تۈركىيەنىڭ 3-ئايدىكى ئېكسپورتىنىڭ 22 مىليارد 578 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى؛ 1-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان جەرياندىكى ئېكسپورتنىڭ بولسا، 63 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يېتىپ، رېكورت يارىتىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتى بولغان <كائان> ۋە <ھۈرجەت>لەردىمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان <تۇساش> قونۇش ئۈسكۈنىسى بىلەن تارماق سىستېمىسىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇداپىئە ۋە ئالەم قاتنىشى شىركەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى؛ مەزكۇر سىستېمىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان <تائاج> شىركىتىنىڭ تۇنجى خەلقئارالىق توختامىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ» گېزىتى: ياۋروپا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ 25-31-مارت كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1328 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇمغا ئايلانغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر