ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا كېلىشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيە بىلەن تۆمۈر يول ۋە تاشيول ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زانگەزۇر كارىدورىنى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1831264
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ،  پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىشېل ۋە پاشىنيان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى تەييارلىنىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى، قاتناش كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى ۋە چېگرالارنى بېكىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەلىيېۋ، يىغىننىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەلىيېۋ تۈنۈگۈن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى بەلگىلەشكە مەسئۇل دۆلەت كومىتېتى قۇرۇش قارارىنى ئىمزالىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەرەپلەرنىڭ تۆمۈر يول ۋە تاشيول ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زانگەزۇر كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغانمۇ ئۆزگىرىشلەردىن ۋاقىپلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەلىيېۋغا رەھمەت ئېيتتى ۋە يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي نەتىجىلەردىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رايوندا كېچىكىپ كەتمەستىن تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ، تۈركىيە -  ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر