ئوكتاي قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ رەھبىرىنى خاتىرىلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ رەھبىرى دوكتور فازىل كۈچۈك ۋاپاتىنىڭ 38 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

1763106
ئوكتاي قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ رەھبىرىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ رەھبىرى دوكتور فازىل كۈچۈك ۋاپاتىنىڭ 38 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەرھۇمنى چەكسىز ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر