تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى: قازاقىستاننى داۋاملىق قوللايمىز

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى مەۋجۇت كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تېگىشلىك ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1760865
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى: قازاقىستاننى داۋاملىق قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، قازاقىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سىن يىغىدىن كېيىن، يازما بايانات ئېلان قىلدى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قېرىنداش دۆلەت قازاقىستان ۋە  خەلقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، رايون ۋە رايون سىرتىدا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان قازاقىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلدى، ھاياتلارنى خەۋپكە دۇچار قىلغان،  جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان، مال-مۈلۈكلەرگە زىيان سالغان زوراۋانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئەيىبلىنىپ، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئاممىۋى تەرتىپنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، تېررورچىلارغا، رادىكال ئۇنسۇرلارغا، ئەسەبىيلىك تەرەپدارلىرىغا ۋە جىنايەتچىلەرگە قارشى  تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ، قېرىنداش دۆلەت قازاقىستان خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان ئىسلاھات كۈن تەرتىپىنى قوللايدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان باياناتتا، قازاقىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە زىچ ھەمكارلىشىش ۋە كېڭىشىش ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قازاقىستان ئەزەربەيجان، تۈركىيە، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 5 ئەزاسى قاتارىدىن، تۈركمەنىستان بىلەن ۋېنگىرىيە بولسا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

قازاقىستاندا 2 – يانۋار كۈنى سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى (LPG) نىڭ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى باشلانغان نامايىشلاردا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، نامايىشلارنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانىدى.

نامايىشلارنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، دۆلەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر