توقايېۋ: كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى ئىككى كۈندىن كېيىن چېكىنىدۇ

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى كۈندىن كېيىن، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا قازاقىستاندىن چېكىنىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1760537
توقايېۋ: كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى ئىككى كۈندىن كېيىن چېكىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ پارلامېنتتا قازاقىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇھىم باياناتلارنى بەردى.

ئۇ قازاقىستانغا قارشى بىر تېررورلۇق ئۇرۇشى قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تېررورىستلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئەڭ قىيىن قىسمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ قازاقىستاندىكى ۋەزىيەت سەۋەبىدىن كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ: «قازاقىستان قانۇنلۇق ھالدا كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىدىن تىنچلىق كۈچىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ قارار چىقىرىلغان ۋاقىتتا، ئالمۇتانىڭ كونتروللۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتۇق. ئالمۇتانى قولدىن چىقىرىپ قويغان بولساق، پايتەختنى ۋە ئارقىدىن پۈتكۈل دۆلەتنى يوقىتىپ قوياتتۇق» دېدى.

ئۇ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى تىنچلىق كۈچىنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ: «كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق كۈچى ئىككى كۈندىن قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا قازاقىستاندىن چېكىنىشنى باشلايدۇ، چېكىنىش ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 كۈن بولىدۇ» دېدى.

كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى قازاقىستانغا 2 مىڭ 300 ئەسكەر ۋە 250 ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر