ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلە ناھىيەسىدە چېگرا لىنىيەسىدە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە ئارمىيە باش شىتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەرگە تەزىيە بىلدۈردى.

1759484
ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ تەزىيەنامىسىدا، «شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلە رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن شەرەپلىك تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە 3 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر مېنى قاتتىق ئازابلىدى. سىلەرنىڭ دەردىڭلار بىزنىڭ دەردىمىز، بىز ھەمىشە تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە قېرىنداش تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ يېنىدىمىز ۋە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سىلەرنى  قوللاپ - قۇۋەتلەيمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

زاكىر ھەسەنوۋ شېھىت ئەسكەرلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى ۋە شېھىتلەرنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئازابىغا ئورتاق بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاقچاقەلە رايونىدىكى چېگرا لىنىيەسىگە تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن (يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋىلىنغان) پارتىلاتقۇچنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن 3 ئەسكەرنىڭ شەھىت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر