ئەزەربەيجان 14 شېھىتى ئۈچۈن ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزدى

ئەزەربەيجاندا ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە شېھىت بولغان كۆپىنچىسى ئوفىتسېردىن تەشكىل تاپقان 14 ئەسكەر ئۈچۈن ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

1741658
ئەزەربەيجان 14 شېھىتى ئۈچۈن ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدىكى سەرھاتچى تەنتەربىيە زالىدا تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە شېھىت بولغان 14 ئەسكەر ئۈچۈن ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا، ئەزەربەيجان دۆلەت چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلچىن گۇلىيېۋ، ھەربىي باش تەپتىش خانلار ۋەلىيېۋ، باكۇ ۋالىيسى ئەلدار ئەزىزوۋ، شېھىتلەرنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى ۋە نۇرغۇن پۇقرالار قاتناشتى.

مۇراسىمدا، شېھىتلەرنىڭ ئەزەربەيجان بايرىقى يېپىلغان جىنازەسى ھۆرمەتتە تۇرۇش ۋە مىللىي مارش ئوقۇلغاندىن كېيىن، شېھىتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى ئوقۇلدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلچىن گۇلىيېۋ شېھىتلەرنىڭ 1- ۋە 2-قاراباغ ئۇرۇشىدا جەڭ قىلغانلىقىنى، سەپداشلىرىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ شېھىتلەرنىڭ ئائىلىلىرى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيەسىنى بىلدۈرۈپ، قەھرىمان سەپداشلىرىنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

شېھىتلەرنىڭ سەپداشلىرى جىنازەلەرنى 2-شېھىتلەر ھىيابانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن زالدىن دولىسىغا ئېلىپ چىقاردى ۋە ئاپتوموبىللارغا قويدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ «ait Mi-17» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچارى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 30-نويابىر) ھىزى رايونىدىكى كاراھەيبەت ھاۋا تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە قونۇش جەريانىدا چۈشۈپ كېتىپ 14 ئەسكەر شېھىت بولغان، ئىككى ئەسكەر يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر