قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم ناھىيە ھاكىملىرى خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدىغان بولدى

قازاقىستاندا ئۆلكە ۋالىيلىرى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان ناھىيە ھاكىملىرى تۇنجى قېتىم بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا خەلق تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولدى.

1679737
قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم ناھىيە ھاكىملىرى خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، دۆلەت مىقياسىدا 1847 بېلەت ساندۇقى قۇرۇلغانلىقى ۋە 1 مىليون 210 مىڭ سايلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت مىقياسىدىكى 730 ناھىيە ھاكىمى تۇنجى قېتىم خەلقنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغان سايلامدا، جەمئىي 2 مىڭ 582 نامزات رىقابەتكە چۈشىدۇ. سايلام نەتىجىسى 3 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ ئۆتكەن يىلى ئاممىغا قىلغان خىتابىدا، دۆلەت ئىچىدىكى ناھىيە ھاكىملىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلىنىشى كېرەكلىكىگە دائىر تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۆتكەن يىلى مايدا بۇ تەكلىپنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغان ئىدى.

توقايېۋنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40 پىرسەنتى يېزا-قىشلاقلاردا ياشايدىغان  بولۇپ، مەزكۇر سايلاملار دۆلەتنىڭ سىياسىي زامانىۋىلىشىشىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچ بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر