مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ئۆزبېكىستاندا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ئۆزبېكىستان زىيارىتى دائىرىسىدە، ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سەردار ئۇمۇرزاكوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1665812
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ئۆزبېكىستاندا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سەردار ئۇمۇرزاكوۋ تۈركىيە-ئۆزبېكىستان بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مېھمانخانىدا ھەيئەتلەر ئارا ۋە ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

ئاندىن ئۆزبېكىستان سودا مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىغا تۈركىيەنىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئولگان بەكارمۇ قاتناشتى.

سەردار ئۇمۇرزاكوۋ ئۆزبېكىستان زىيارىتىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە «ئاتا ۋەتەنگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېدى.

فۇئات ئوكتاي سەردار ئۇمۇرزاكوۋنىڭ مېھماندوستلۇقىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزبېكىستانغا كەلگەن كۈندىن بېرى ئۆزىنى ئۆز يۇرتىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر