جەيھۇن بايراموۋ: «<شۇشا خىتابنامىسى>ئۇزۇن يىللارغىچە تىللاردىن چۈشمەيدۇ»

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان شۇشا خىتابنامىسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە خىتابنامە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1661466
جەيھۇن بايراموۋ: «<شۇشا خىتابنامىسى>ئۇزۇن يىللارغىچە تىللاردىن چۈشمەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەيھۇن بايراموۋ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى (ADF) يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 15-ئىيۇندىكى ئەزەربەيجان زىيارىتىگە قارىتا «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ باھا بېرىپ، «جۇمھۇر رەئىس (ئەردوغان) ئەزەربەيجاننى دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن تۇنجى قېتىم بىر دۇنيا رەھبىرى ئازاد قىلىنغان يەرلەرنى، تۈرك دۇنياسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە شۇشا شەھىرىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ يەردە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقداشلىق خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە خىتابنامىدۇر. ئۇزۇن يىللارغىچە تىللاردىن چۈشمەيدىغان بىر خىتابنامىدۇر» دېدى.

بۇ خىتابنامىنىڭ پەقەت ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەگىلا ئەمەس، بەلكى رايون دۆلەتلىرىگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جەيھۇن بايراموۋ، «<شۇشا خىتابنامىسى> رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا خىزمەت قىلىدۇ» دېدى.

جەيھۇن بايراموۋ قاراباغدا كەڭ كۆلەملىك قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ قاراباغنى قايتا قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

جەيھۇن بايراموۋ يەنە، قاراباغدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش دائىرىسىدە قۇرۇلغان تۈركىيە-رۇسىيە بىرلەشمە كۆزىتىش مەركىزىنىڭ پائالىيىتىنى مەدھىيەلەيدىغانلىقى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر