قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىدا قانلىق توقۇنۇش چىقتى

قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىدا سۇ تەمىنلەش ئامبىرىنى كونترول قىلىش سەۋەبىدىن چىققان قوراللىق توقۇنۇشتا، ھەر ئىككى تەرەپتىن بولۇپ جەمئىي ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 115 كىشى يارىلاندى.

1631031
قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىدا قانلىق توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان تاراتقۇلىرى قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش جەريانىدا قىرغىزىستانلىق ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 84 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تاجىكستان تاراتقۇلىرىدا بولسا، توقۇنۇشتا تاجىكستانلىق ئۈچ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 31 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەگە يېتىپ كەلگەن قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئۇلۇبېك مارىپوۋ ۋە تاجىكستان باش مىنىستىرى كوھىر راسۇلزادە كۆرۈشۈپ، چېگرادىكى توقۇنۇشنىڭ مۇزاكىرە يولى بىلەن بالدۇرراق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان تاراتقۇلىرى قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىدىكى توقۇنۇش ئاۋازلىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 23 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە توختىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قىرغىزىستان ۋە تاجىكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شۇ يەر ۋاقتى 20:00 دىن باشلاپ رايوندا پۈتۈنلەي ئۇرۇش توختىتىش ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يەرلىرىگە چېكىنىشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

قىرغىزىستان-تاجىكستان چېگراسىغا جايلاشقان سۇ مەنبەلىرىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە 28-ئاپرېل (2021) يۈز بەرگەن ئىختىلاپ، 29-ئاپرېل ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر-بىرىگە تاش ئېتىشى بىلەن داۋاملاشتى. ئىككى دۆلەت چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ ۋەقەگە ئارىلىشىشى بىلەن توقۇنۇشقا ئايلاندى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ چېگراغا ئەسكەر يۆتكەشكە باشلىدى. توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايغا يېقىن يېزىلاردا بالىلار ۋە ئاياللار تارقاقلاشتۇرۇلدى.

تاراتقۇلاردىكى ۋىدېئولاردا، قايسى تەرەپكە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان نۇرغۇن ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر