بۈگۈن تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا كىملىك بىلەن ​​ساياھەت قىلىش باشلاندى

كىملىك بىلەن ساياھەت قىلىش بەلگىلىمىسى دائىرىسىدە، ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىدە، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىن چىقىشىدا، قوش تىللىق «چېگرادىن كىرىش-چىقىش جەدۋېلى» بېرىلىدۇ، ئۈستىگە چېگرادىن كىرىش- چىقىش تامغىسى بېسىلىدۇ.

1612753
بۈگۈن تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا كىملىك بىلەن ​​ساياھەت قىلىش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ئادرېسىدا «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» بەلگىلىك خەت بىلەن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بۈگۈندىن باشلاپ جان ئەزەربەيجاننى كىملىك بىلەنلا  ساياھەت  قىلىش مۇمكىن بولىدۇ. بارلىق توسالغۇلار ئېلىپ تاشلىنىدۇ، قېرىنداشلىقىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. پۇقرالىرىمىزغا ۋە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا خەيرىلىك بولسۇن!» دېدى.

بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بۇ بەلگىلىمە بىلەن، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق كىملىكى بىلەنلا ئۆزئارا 90 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدۇ.

كىملىك بىلەن ساياھەت قىلىش بەلگىلىمىسى دائىرىسىدە، ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىدە ، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىن چىقىشىدا، قوش تىللىق «چېگرادىن كىرىش-چىقىش جەدۋېلى» بېرىلىدۇ، ئۈستىگە چېگرادىن كىرىش- چىقىش تامغىسى بېسىلىدۇ.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بۇ ھۆججەتنى تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاندىكى  ساياھەت مەزگىلىدە يېنىدا ساقلىشى ۋە چېگرادىن كىرىش - چىقىشلاردا كىملىكى بىلەن بىرگە چېگرا ئېغىزلىرىدىكى خادىملارغا كۆرسىتىشى كېرەك.

يېڭى تىپتىكى چىپلىق ئېلېكتىرونلۇق كىملىكنىڭ ساياھەت ھۆججىتى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى پەقەت تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ساياھەتلەردىلا مۇمكىن بولىدۇ. ئۈچىنچى دۆلەتتىن تۈركىيە ياكى ئەزەربەيجانغا كىرىشتە پاسپورتنىڭ ئىشلىتىلىشى داۋاملىشىدۇ.

يېڭى تىپتىكى چىپلىق ئېلېكتىرونلۇق كىملىك بىلەن ئىقامەتكە ئىلتىماس سۇنۇشقا بولمايدۇ.  

تۈركىيە ياكى ئەزەربەيجاندا  90 كۈندىن ئۇزۇن تۇرۇشنى خالايدىغان پۇقرالار تەلەپ قىلىنغان مۇددەتتىن 60 كۈندىن ئارتۇق ئىشلىتىلىش مۇددىتى بولغان پاسپورت ئارقىلىقلا ئىقامەتكە ئىلتىماس سۇنالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر