ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تۈركىيەدە تاغقا يامىشىش بويىچە تەربىيەلەنمەكتە
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى خادىملىرىغا ئىسپارتادىكى تاغ قوماندانلىق مەكتىپى ۋە تەربىيەلەش مەركىزى قوماندانلىق ئورگىنى تەرىپىدىن تاغقا يامىشىش دەرسى ئۆتۈلدى.
1609917
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، «قەھرىمان ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەزالىرى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا، ئىسپارتادىكى تاغ قوماندانلىق مەكتىپى ۋە تەربىيەلەش مەركىزى قوماندانلىق ئورگىنى تەرىپىدىن تاغقا يامىشىش دەرسى ئۆتۈلدى» دېيىلدى.
يازمىغا تاغقا يامىشىش مەشقىگە ئائىت سۈرەتلەر قوشۇپ ھەمبەھىرلەندى.