ئۆزبېكستان بەش دۆلەتكە ۋىزىسىز ساياھەتنى يولغا قويدى

ئۆزبېكستان ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە بەش دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا قارىتا يولغا قويغان 10 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.

1592920
ئۆزبېكستان بەش دۆلەتكە ۋىزىسىز ساياھەتنى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ ئۆتكەن ئاي (2021-يىلى فېۋرال) دۆلەتتە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىمزالىغان قارارنامەنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، بەھرەين، قاتار، كۈۋەيت، ئۇممان ۋە خىتاي پۇقرالىرى ئۆزبېكستاندا 10 كۈن ۋىزىسىز تۇرالايدىكەن. مەزكۇر دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ بۇ بەلگىلىمىدىن پايدىلىنالىشى ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ياكى ئۆز دۆلىتىگە قايتىش بېلىتى بولۇشى كېرەك ئىكەن.

قارارنامە بويىچە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزبېكستاندا يەتتە كۈن ۋىزىسىز تۇرۇش ھوقۇقى 10 كۈنگە چىقىرىلغان بولدى.

ئۆزبېكستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە يولغا قويغان قارارلار رامكىسىدا، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 86 دۆلەت خەلقىگە، بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە ئوخشىمىغان مۇددەتتە ۋىزىسىز تۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر