ب د ت قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قىبرىسنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە كېپىل دۆلەتلەرنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1590255
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قىبرىسنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە كېپىل دۆلەتلەر — تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيە — نى 27- ئاپرېلدىن 29-ئاپرېلغىچە شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆزئارا ئۇچراشتۇرىدۇ.
ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ئىستېفان دۇجارىك يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «باش كاتىپ 2021- يىلى 27- ئاپرېلدىن 29- ئاپرېلغىچە شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدىكى غەيرىي رەسمىي 5 + 1 يىغىنى ئېچىشنى پىلانلىماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باياناتتا، يىغىننىڭ مەقسىتىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىگە يېقىن كەلگۈسىدە ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايدىغان- قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرۈش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.