قازاقىستاندا پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئاخىرقى كونكرېت نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
نۇرئوتان پارتىيەسىدىن 76، ئاقيول پارتىيەسىدىن 12، قازاقىستان خەلق پارتىيەسىدىن 10 پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنت مەجلىسىگە سايلاندى ۋە 5 يىل بويىچە پارلامېنت مەجلىسىدە خىزمەت قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى 2021 - يىلى 10 - يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن قازاقىستان پارلامېنت سايلىمىنىڭ كونكرېت نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
نەتىجىگە ئاساسەن نۇر ئوتان پارتىيىسى %71.09 ئاۋازغا، ئاقيول پارتىيەسى %10.95 ئاۋازغا ۋە قازاقىستان خەلق پارتىيەسى %9.10 ئاۋازغا ئېرىشىپ پارلامېنتتىن ئورۇن ئالدى.
نۇرئوتان پارتىيەسىدىن 76، ئاقيول پارتىيەسىدىن 12، قازاقىستان خەلق پارتىيەسىدىن 10 پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنت مەجلىسىگە سايلاندى ۋە 5 يىل بويىچە پارلامېنت مەجلىسىدە خىزمەت قىلىدۇ.
قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تۇنجى پارلامېنت سايلىمىدا 7 مىليون 241 مىڭ 562 سايلىغۇچى بېلەت تاشلىدى.
قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، 5 پارتىيەدىن 90 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 312 نامزات رىقابەتلەشكەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.