تۈركىيە ۋە ئېنېرگىيە زاپىسى مول دۆلەتلەر

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيە ۋە ئېنېرگىيە زاپىسى مول دۆلەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2120333
تۈركىيە ۋە ئېنېرگىيە زاپىسى مول دۆلەتلەر

تۈركىيە ۋە ئېنېرگىيە زاپىسى مول دۆلەتلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە ياۋروئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئېنېرگىيە زاپىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان نۇقتىسىغا جايلاشقان. شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيەنى ئېنېرگىيە مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش تۈرى يولغا قويۇلدى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تراكيادا بىر ئېنېرگىيە پونكىتى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىستانبۇل ئاتاشەھىردىكى پۇل-مۇئامىلە مەركىزىدىمۇ بىر ئېنېرگىيە پاي چېكى بازىرى قۇرۇش پىلانلانماقتا. بۇ تۈر سايىسىدا، تۈركىيە تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەت بولۇشتىن چىقىپ، ئېنېرگىيە سودىسىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق دۆلەتلەر بۇ تۈرگە قاتنىشىشنى خالايدۇ. چۈنكى، ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئوخشاشلا خېرىدارلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

ئىراق تەخمىنەن 150 مىليارد ۋارىل نېفىت زاپىسىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ 9-چوڭ نېفىت دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. تەبىئىي گاز زاپىسى دۇنيا زاپىسىنىڭ %1.9 نى ئىگىلەيدۇ. ئىراق بىلەن تۈركىيە بىرلىكتە يولغا قويغان تەرەققىيات يولى ۋە فاۋ پورتى  تۈرلىرى خەلقئارا سەھنىدە زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ. 2028-يىلى تاماملىنىشى پىلانلىنىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش سۈۋەيىش قانىلى ۋە ئۈمىد تۇمشۇقى لىنىيەلىرى سېپىگە قوشۇلىدۇ. ئىراقنىڭ ھىدرو كاربون بايلىقىدىن باشقا، پارس قولتۇقى رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنىمۇ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ۋە شەرقىي ئاق دېڭىز دۆلەتلىرىگە توشۇغىلى بولىدۇ. تەرەققىيات يولى تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، ئىراق بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت تۇرۇبا يولى ياساشمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن.

ئىراننىڭ تەخمىنەن 156 مىليارد ۋاىرل خام نېفىت زاپىسى ۋە 34 تىرىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بار. نۆۋەتتە تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى بار بولۇپ، بۇ لىنىيە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇلايدۇ. ئىران ھۆكۈمىتى تەبىئىي گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇشقا ئىنتايىن قىزىقىدۇ. ئېنېرگىيە مەركىزى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىراننىڭ ياۋروپاغا نېفىت سېتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئىشىكىنى چېكىدىغانلىقى ئېنىق.

ئەزەربەيجاننىڭ بۈگۈنكى تېخنىكا بىلەن ئىسپاتلانغان 1 مىليارد 500 مىليون توننا نېفىت ۋە 2 تىرىليون 200 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بار. نۆۋەتتىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئارقىلىق 12 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز تۈركىيەگە توشۇلماقتا. بۇ گازنىڭ 6 مىليارد كۇب مېتىرى «تاپ (TAP) لىنىيەسى ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يەتكۈزۈلمەكتە. بۇ تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ سىغىمىنى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بىر قاتلاش پىلانلانماقتا؛ ئارقىدىن يېڭى لىنىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن.

رۇسىيەنىڭ زاپىسى تەخمىنەن 38 تىرىليون 900 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، تەبىئىي گاز جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ باي دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە يەنە 107 مىليارد 804 مىليون ۋارىل نېفىت زاپىسى بىلەن، دۇنيا بويىچە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. رۇسىيە تۈركىيەدىكى ئېنېرگىيە مەركىزىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىسى بولۇشنى خالايدۇ. ئۇرۇش جەريانىدا شىمالىي ئېقىم لىنىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىشى، رۇسىيەنىڭ پۈتۈنلەي تۈركىيەگە يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇكرائىنانى پۈتۈنلەي ئايلىنىپ ئۆتىدىغان رۇسىيە، تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تەبىئىي گاز سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا. رۇسىيە يەنە ئېنېرگىيە مەركىزىنىڭ پۈتۈشى بىلەن بىرلىكتە «تۈرك ئېقىم2» تۇرۇبا لىنىيەسىنى روياپقا چىقىرىشنى پىلانلىماقتا.

تۈركمەنىستان تەبىئىي گاز زاپىسى ئەڭ كۆپ 4-دۆلەت بولۇپ، زاپىسىنىڭ مىقدارى 15 تىرىليون كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ دۆلەت ھەر يىلى 100 مىليارد كۇب مېتىرغا يېقىن تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدۇ. تۈركمەنىستان تەبىئىي گازىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك خىتايغا ساتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، دۆلەت سېتىش مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى ئويلاشماقتا. يېقىندا، تۈركىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي گاز ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۈركمەنىستان تەبىئىي گازىنى ماي ماشىنىلىرى بىلەن دەسلىپىدە ئەزەربەيجانغا، ئۇ يەردىن «تاناپ» لىنىيەسى ئارقىلىق تۈركىيەگە، تۈركىيەدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يەتكۈزۈش پىلانلانماقتا.

قاتارنىڭ ئومۇمىي نېفىت زاپىسى 25 مىليارد 200 مىليون ۋارىل دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. كۈنىگە 75 مىليون 900 مىڭ توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ يەنە، 24 تىرىليون 700 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بار. قاتار ياۋروپاغا كۆپ مىقداردا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان بىردىنبىر پارس قولتۇقى دۆلىتى بولۇپ، 2020-يىلدىن كېيىن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قىلغان ئېكسپورتىنىڭ مىقدارىنى %65 تىن كۆپرەك ئاشۇردى. قاتار ئىراقنىڭ فاۋ فورتى تۈرىنىمۇ تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. قاتار فاۋ پورتى تۈرىنىڭ تۈرتكىسىدە، توشۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تەبىئىي گاز ۋە نېفىتنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىشى پىلانلىماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 266 مىليارد ۋارىل نېفىت زاپىسى بار. بۇ دۆلەت كۈنىگە تەخمىنەن 10 مىليون ۋارىل خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە بۇ نېفىتنىڭ 7 مىليون ۋارىلىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەنە تەخمىنەن 9 تىرىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بار. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراقتىكى فاۋ پورتى ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېچىلىشنى قولايلاشتۇرىدىغان تەرەققىيات يولى تۈرلىرىگە ئالاھىدە قىزىقىدۇ.

شەرقىي ئاق دېڭىزغا كەلسەك، جەنۇبىي قىبرىس رىم ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمە قەدەملىرى سەۋەبىدىن ئىختىلاپلار داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي ئاق دېڭىزدا 1 مىليارد 700 مىليون ۋارىل نېفىت ۋە 3 تىرىليون 500 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر