پەسىلگە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىمەن

چۈنكى (12)

2116697
پەسىلگە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىمەن

پەسىلگە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىمەن

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «چۈنكى...» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ھەم سالامەتلىكىمىز، ھەم كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بىخەتەر يېمەكلىككە ئېرىشىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تېمىنى تونۇشتۇرىمىز. تېمىمىزنى «پەسىلگە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىمەن، چۈنكى...» دېيىش بىلەن باشلايمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

**** **** ** ****

  ئۇزۇن ئۆتمۇشتە ئەمەس، بەلكى 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىگە قەدەر، دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى يېزىلاردا ياشايتتى. ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بولغان يېزا-قىشلاقلاردا ياكى يېقىن ئەتراپىدا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرگە ئېرىشىشى بۈگۈنكى كۈنگە سېلىشتۇرغاندا ئاسان ئىدى. ئەمما شەھەرلەر كۆپىيىپ، يېزىلار بوش قېلىشقا باشلىشىشغا ئەگىشىپ، ۋەزىيەت ئۆزگىرىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان نوپۇسنى قوشقىنىمىزدا، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنىڭ ئورنىغا سۇنئىي ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇقەررەر ھالغا كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

بىز پات پات ئاڭلاپ تۇرىدىغان ۋە ھەتتا سۆزلىرىمىزدە ئىشلىتىدىغان «نەدە قالدى ئۇ كونا پەمىدۇرلار؟» دېگەن سۆز خاتا ئەمەس- ئەلۋەتتە، چۈنكى ھازىر مېۋە ۋە كۆكتاتلار ئاساسەن دېگۈدەك ئېتىزلاردا ئەمەس، بەلكى پارنىكلاردا يېتىشتۈرۈلمەكتە. ئاپتاپتا پىشىدىغان ۋە ۋاقتى كەلگەندە ئاندىن ھوسۇلى يىغىلىدىغان، ھەمدە يىغىۋېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىستېمال قىلىنىدىغان پەسىللىك مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇ ئەھۋالنىڭ سالامەتلىكىمىزگە زىيانلىق بولىدىغانلىقى جەھەتتە ئىككى ماددە ئالاھىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بىرىنچىسى، سۈنئىي مۇھىتتا ئۆستۈرۈلگەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ.

ئىككىنچىسى، بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىدا دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقلىرى كۆپ ئۇچراپ تۇرىشىدۇ.

**************

دەرۋەقە، سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر خەتەر؛ پەسلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلىنغان نۇرغۇن يېمەكلىكلەردە بار بولغان چىرىشتىن ساقلاش دورىسى ۋە خىمىيەلىك ماددىلار ئۈچەيدىكى پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملارغا زىيان يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. پەسىلىدە ۋە تەبىئىي مۇھىتتا يېتىشتۈرۈلگەن مېۋە – كۆكتاتلار بولسا، تەركىبىدىكى قىممىتى يۇقىرى تالانىڭ موللىقى بىلەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا، تەبىئىي بولمىغان ئۇسۇلدا يېتىشتۈرىلىپ، دوسقىنىمىزغىچە كەلگەن مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ كەلگۈسىمىزگە قانداق تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.

سۈنئىي مۇھىتتا ئىشلەپچىقىرىش، توپلاش، ساقلاش ۋە ئوراش قاچىلاش قاتارلىق باسقۇچلاردا سەرپ قىلىنغان ئېنېرگىيە ۋە سۇ ئەسلىدە كېيىنكى ئەۋلادلاردىن ئېلىنغان قەرزلەردۇر. ئەگەر ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە ئىستېمالغا سەزگۈر قارىمىساق، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ھېسابىدىن ئالغان قەرزلەرنى ئورنىغا قويالمايدىغانلىقىمىز ئېنىق. ئۇنداقتا پەسىلگە ئۇيغۇن ئوزۇقلىنىمەن. چۈنكى يەرشارىمغا ۋە سالامەتلىكىمگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن دېيىش بىلەن پروگراممىزنى ئاخىرلاشتۇرايلى، قۇلاق سېلىپ تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر.

 

 

 

 

 

 

 

 


خەتكۈچ: #چۈنكى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر