تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئىستىراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقى تۈگىدى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز - 7

1720349
تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئىستىراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقى تۈگىدى

سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقات ئورنى «SETA» نىڭ

دىپلوماتىيە سىياسىتى تەتقىقاتچقىسى

(جان ئاجۇن)

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەڭ يېڭى باياناتىدا، سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردىن كەلگەن ھۇجۇملا ھەققىدە «بىزنىڭ ئەمدى سەۋر – تاقىتىمىز قالمىدى» دېيىش ئارقىلىق، يا يەرلىك مۇھىم كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە، ياكى ئۆز ئالدىغىلا پ ك ك/ي پ گ قارشى يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ باياناتتىن كېيىن، ھەممىنىڭ دىققىتى قايتىدىن سۈرىيەگە مەركەزلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىنىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

         جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «بىزنىڭ ئەمدى سەۋر – تاقىتىمىز قالمىدى» تەرىقىسىدىكى باياناتى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە پ ك ك/ي پ گ نىڭ كونتروللۇقىدىكى بەزى رايونلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە. ئەمەلىيەتتە،  «تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان <ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق> بىلەن ھەرىكەت قىلدى» دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ دەل ئەكسىچە، پ ك ك/ي پ گ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن رايونلاردا داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. يەنە كېلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئافرىن، ئەزىز، جەرابلۇس، باب، تەلئەبياد ۋە رەسۇلەين قاتارلىق تۈركىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا سىڭىپ كىرىپ، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارماقتا، بۇ يەرلەردە ھەم تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرىنى، ھەمدە  سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىگە قاراشلىق كۈچلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ، بۇ رايونلاردا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن پۇقرالارنىمۇ نىشان قىلىپ بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن  دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى، تۈركىيە مىقياسىدا، بولۇپمۇ ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك غا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ تەشكىلاتنى تىرىپىرەن قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، پ ك ك نىڭ سۈرىيە تارمىقى پ ي د / ي پ گ بولسا، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا، تۈركىيەنىڭ سەۋرچانلىقىنىڭ تۈگىشىنى زورلايدىغان شەكىلدە  پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. لېكىن، ئەردوغاننىڭمۇ بىۋاسىتە ئېيتقىنىدەك، نۆۋەتتە تۈركىيەگە نىسبەتەن سۈرىيەدە چېگرالاردىن ئاللىقاچان ھالقىپ ئۆتۈلدى. ئىلگىرىمۇ ئېلىپ بېرىلغان «فىرات قالقىنى»، «زەيتۇن شېخى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەرىكەتلىرىدىكىگە ئوخشاشلا، يېڭى بىر كەڭ دائىرىلىك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقاندەك قىلىمىز.

بۇ يەردە بولۇپمۇ ئالدىنقى ھەپتىلەردە سوچىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئەردوغان-پۇتىن باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىمۇ نەزەرگە ئېىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئىككى رەھبەر، سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە ئايرىم مۇزاكىرە ئېلىپ باردى ۋە  تەرەپلەر ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى. ئۆزئارا مەۋجۇت پوزىتسىيەلەرنى تۈزىتىش ۋە ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ھەم ئىدلىب ھەمدە پ ك ك/ي پ گ نىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلار ئۈچۈن مۇھىم نەتىجىلىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق ئىككى رەھبەرنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيەسىگە قارىماي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە، رۇسىيە ۋە بەششەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ يەردە تىزگىنلىگۈچى كۈچ سۈپىتىدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى، ھەمدە پ ك ك/ي پ گ گە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوزغايدىغانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن  بەششەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ بولسا، تىزگىنلىگۈچى كۈچكە جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، پەرەز قىلالايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر