ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (66)

1613624
ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى سىياسىتى

ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (66)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى سىياسىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

ئامېرىكا خىتاينى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگەيىلىك رەقىب دەپ قارايدۇ، ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق ئۈستۈنلۈكىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. بىراق ئوباما دەۋرىدە ئاساسىي يارىتىلغان ۋە خىتاينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان «ئاسىيا تۈۋرۈكى» ئىستراتېگىيەسىنىڭ زادى قانداق ئىشقا ئاشۇرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھىم سوئاللار مەۋجۇت.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى چەكلەشنى ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىستراتېگىيىلىك نىشان سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىدا مۇئەييەن پەرقلەرنىڭ بارلىقى كۆرۈلمەكتە. بىللىنكېن ۋە ئوستىننىڭ ياپونىيە، كورېيە زىيارەتلىرى، ھەمدە ئوستىننىڭ ھىندىستان زىيارىتى خىتايغا قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك يۆنىلىشرىنى شەكىللەندۈرمەكتە. بۇنىڭ بىرىنچى مەقسىتى، ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي رىشتە ئورنىتىش. ئاندىن خىتاينىڭ  (گېئوپولىتىلىق) سىياسىي جۇغراپىيەلىك كېڭىيىشىگە قارشى دېموكراتىك ۋە سىياسىي ھالقىنى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن تېخىمۇ مۇستەھكەملەش.

بىللىنكېننىڭ ياپونىيەدە ئىشلەتكەن تىلى، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى پەقەت ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەھدىت دەپلا قارىماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆلچەم مەركەزلىك لىبېرال (ئەركىنلىكنى ئاساس قىلغان) تۈزۈمگىمۇ تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى قاتارلىق ساھەلەردە خىتاينى تېخىمۇ بەك نىشان قىلغان بايدىن ھۆكۈمىتى، بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارا تەرتىپنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار تالاش-تارتىش يارىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

شۇڭا بايدېن ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى خەلقئارا سەپ قۇرۇشقا تىرىشماقتا. خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى نۇقتىسىدىن يەنە بىر نىشانى، غەرب قانىتىدا گېئوپولىتىلىق (سىياسىي جۇغراپىيەلىك) تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئەنئەنىۋى ئىتتىپاق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولماقتا. بۇ نۇقتىدا، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتتە ترامپ دەۋرىدە كۆرۈلگەن بوزۇلۇشلارنى ئوڭشاش ۋە شەكىللەنگەن يېرىقلارنى چوڭقۇر گېئوپولىتىلىق (سىياسىي جۇغراپىيىلىك) كاشىلا سىزىقىغا ئايلىنىشتىن بۇرۇن تېزدىن تاقاش بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى خىزمەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.  

بۇ پوزىتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىللىنكېن بىريۇسسېلغا نارغاندا تېخىمۇ نامايان بولدى. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردە ئىككى نىشانى بولۇپ، بىرىنچىسى؛ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان گېئوپولىتىلىق (سىياسىي جۇغراپىيىلىك) سەپنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدىغان شامالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىش، چۈنكى ترامپ دەۋرىدە ئۆزئارا يىرىكلىشىشلەر كۆپ كۆرۈنگەن ۋە ئىتتىپاق ئىچى زىددىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، بايدىن ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم رېمونت قىلىشقا تېگىشلىك ئىتتىپاقلىق قۇرۇلمىسى دەپ قارالماقتا.

بلىنكېن بىريۇسسېلدا بۇ ئىتتىپاقنىڭ پەقەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك تەشكىلاتىلا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، سىياسىي تەرىپى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تېخىمۇ مۇھىمى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ زادى قانداق بولىشى، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان گېئوپولىتىكا (سىياسىي جۇغراپىيىلىك) نۇقتىسىدىن ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان تېمىلارنىڭ بىرسى بولدى. تەشكىلات سۈپىتىدە «خىتاينى چۈشىنىش» باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان باش كاتىپ ستولتېنبېرگمۇ خىتايغا قارىتا «تەھدىت» دېگەن سۆزىنى بەكرەك ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى بوررېلنىڭمۇ بىللىنكېن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، بۇنى تەكرارلىنىدىغان سۆزگە ئايلاندۇرغانلىقى مەلۇم.  

گەرچە ياۋروپا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بار دەپ قارىسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇ ئىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتكە ئايلانغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭلاشقا بايدېنغا نىسبەتەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى قۇرۇلماقچى بولغان يېڭى ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سەپ ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك تۈۋرۈك بولۇپ كۆرۈلمەكتە.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى نىشانى بولسا، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان غەرب گېئوپولىتىلىق (سىياسىي جۇغراپىيىلىك) فرونتىنىڭ پارچىلانغان قۇرۇلمىسىنى رېمونت قىلىشتۇر. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مىنىستىرلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان بىللىنكېندىن باشقا يەنە، بايدېننىڭمۇ يىراقتىن سىنلىق يىغىن ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىشى ياۋروپانى تەڭشەش ۋە تۈزەش خاركتېرىگە ئىگە بىرقەدەمدۇر.

گەرچە بىللىنكېن ياۋروپاغا ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى كۈرىشىدە «سىلەر بىز بىلەن بىللىمۇ ياكى ئۇلار بىلەنمۇ؟» دېگەن تاللاشنى سۇنمىغانلىقىنى ئېيتتسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ياۋروپانى خىتاي مەسىلىسىدە بۇ تاللاشقا زورلايدىغانلىقى ئېنىق.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ كۈنلەردە يولغا قويماقچى بولغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئەندىشىلىرىنىڭ بىرى دەل خىتايدۇر. بۇ سەۋەبتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك بىر پۈتۈنلۈك بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىكىگە ماقۇل بولىدىغانلىقى ئېنىق.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر