تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) نىڭ يېقىنقى غەلىبىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (65)

1609024
تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) نىڭ يېقىنقى غەلىبىسى

تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) نىڭ يېقىنقى غەلىبىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (65)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) نىڭ يېقىنقى غەلىبىسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غايەت زور ھەرىكەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان نۇقتىلىق ھەرىكەتلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ دائىرىدە، پ ك ك/ ك ج ك نىڭ سۈرىيە تارمىقى پ ي د/ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ​​بىرىگادا كوماندىرى، مەخپىي ئسمى «شەخ گۈيى» دەپ ئاتالىدىغان تېرورچى ئىبراھىم باباتنى قىسغىنە مەزگىل ئىلگىرى سۈرىيەدە تۇتۇپ، تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەنلىكى، تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) نىڭ  ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلىرى يېتىپ كەلگەن باسقۇچنى نامايان قىلىشى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم.

تۈركىيە قىيىن بىر جۇغراپىيىەدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھەم جۇغراپىيەلىك سىياسەت چوڭقۇرلۇقى، ھەم كاتتا نىشانلىرى نۇقتىسىدىن چوڭ خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. شۇڭلاشقا ھەم تۈركىيە ئىچىدە، ھەم يېقىن ئەتراپىدا تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدىيالىشى ئۈچۈن بارلىق ۋاستىلارنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشى كېرەك. يۇمشاق كۈچ ۋاستىلىرى، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي كۈچىدىن باشقا يەنە، ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ  دائىرىدە، تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ غايىلىرى ۋە ئۇنىڭغا يۈزلەنگەن خىرىسلارغا قارشى كۈرەش قىلالايدىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

بولۇپمۇ 15- ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، يېڭى بىخەتەرلىك تەلىماتى دائىرىسىدە، دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) قا چوڭ مەبلەغلەر سېلىندى. تەشكىلاتنىڭ ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلىرى ئالاھىدە ياخشىلاندى. ھەم ئادەم كۈچى بايلىقى، ھەم تېخنىكا ئەسلىھەلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۈرۈلغان دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)  تۈركىيەدە، ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئىنتايىن مۇھىم ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئىشقا ئاشۇرغان «فىرات قالقىنى»، «زەيتۇن شېخى» ۋە «قەتئىي ئىرادە ھەرىكىتى» قاتارلىق چوڭ ۋە  چېگرا ھالقىغان ھەرىكەتلىرىدە مەيداندا ئىتايىن مۇھىم روللارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئۆز نۆۋىىدە يەنە، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇجۇقتۇرۇشتا چوڭ ئۇتۇقلارنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ چېگرا لېنيەسىدىن 50 كېلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا، سۈرىيەنىڭ راققە رايونىدا  پ ك ك/ ك ج ك نىڭ سۈرىيە تارمىقى پ ي د/ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ​​بىرىگادا كوماندىرى، مەخپىي ئسمى «شەخ گۈيى» دەپ ئاتالىدىغان تېرورچى ئىبراھىم باباتنى سۈرىيەدە تۇتۇپ، غەلىبىلىك  ھالدا تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشى، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش نۇقتىسىدىن چوڭ ئۇتۇق بولدى. مەزكۇر تېررورچىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان پ ك ك تورلىرى ۋەيران قىلىندى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى. ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيە دائىرىسىدە تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ​​ئەمەلدارلىرى ۋە مەيدان قوماندانلىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلىشى، تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوماندانلىق قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىپ، ھەرىكەت قابىلىيىتىنى ۋە تېرورلۇق ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە چىكىندۈرىۋەتتى.

ئاخىرىدا تۈركىيە قاتتىق كۈچ ئېلېمېنتلىرىغا سالغان مەبلەغلىرى بىلەن رايوندا توسقۇنلۇق قىلغۇچى كۈچ سۈپىتىدە قەد كۆتۈرمەكتە. تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) مۇ بۇنىڭ ئاساسلىق نامايەندىسىگە ئايلانغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر