ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدە 2021 – يىلى قانداق ئۆتتى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 54

1559414
ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدە 2021 – يىلى قانداق ئۆتتى

ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدە 2021 يىلى قانداق ئۆتتى؟

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

2020-يىلى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن مۇشەققەتلىك بىر يىل بولدى. يىل بېشىدا خىتايدىن تارقالغان «كوۋىد 19» يۇقۇمى پۈتكۈل دۇنياغا ئوخشاشلا ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. رايوندا مىڭلارچە ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى. رايوندىكى دۆلەتلەردىن پەقەت موڭغۇلىيەلا (1200 يۇقۇملانغۇچى، 1 قازا قىلغۇچى بىلەن) بۇ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرىغان دۆلەت بولدى.

يۇقۇمغا قارىماي، 2020 - يىلى ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە سايلام ئۆتكۈزۈلدى. مەسىلەن، 2020-يىلى، 31 ئۆكتەبىر كۈنى، موڭغۇلىيەدە، 2020-يىلى، 4-ئۆكتەبىر كۈنى، قىرغىزىستاندا، 2020-يىلى، 31-ئۆكتەبىر كۈنى، گىرۇزىيەدە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلدى. قىرغىزىستاندا سايلام نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ھەمدە پىرېزىدېنت سوئورونباي جېېنبېكوۋ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. 2021-يىلى، 10-يانۋار كۈنى، قىرغىزىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن پىرېزىدېنت سايلىمى ۋە ھۆكۈمەت شەكلىنى بېكىتىش رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئومۇمىي سايلام 2021-يىلى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. گىرۇزىيەدە ئۆكتىچىلەر سايلام نەتىجىسىگە داۋاملىق ئېتىراز بىلدۈرمەكتە.

 2020-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى 3 دۆلەتتە پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2020-يىلى، 9 ئاۋغۇست كۈنى، بېلارۇسىيەدە، 2020-يىلى، 10-ئۆكتەبىر كۈنى، تاجىكىستاندا، 1-ۋە 15-نويابىر كۈنلىرى، مولدوۋادا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىرېزىدېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلدى. بېلارۇسىيەدە خەلقنىڭ بىر قىسمى، سايلام نەتىجىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ داۋاملىق نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە 2020-يىلى، 25 ئىيۇندىن 1 ئىيۇلغىچە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلدى. رېفېراندۇمنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى، شەك-شۈبھىسىز ھالدا ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يەنە ئىككى قېتىم پىرېزىدېنت بولۇشىغا يول ئېچىلىشى ئىدى.  رۇسىيەدە ئىيۇلدىن بۇيان تۇتقۇن ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان خاباروۋىسكى ۋالىيسى سېرگېي فۇرگالنى قوللاش نامايىشلىرى ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

فەرغانە ۋادىسىدىكى چېگرا مەسىلىلىرى، 2020-يىلىمۇ داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقتى. چېگرا لىنىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن جېدەل - ماجىرا ۋە توقۇنۇشلار جانغا زامىن بولدى.

رايونغا نىسبەتەن 2020 يىلى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش، شەك - شۈبھىسىز ھالدا تاغلىق قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشى، دېيىش مۇمكىن.  ئۇدا 30 يىلغا يېقىن ھەل قىلىش چارىسى كۈتكەن تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 44 كۈنلۈك قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىشىدىن كېيىن، 2020-يىلى، 10-نويابىر ئەزەربەيجاننىڭ زەپىرى نەتىجىسىدە ھەل قىلىندى. ئىشغال ئاستىدىكى رايونلار ئەرمېنىيە تەرىپىدىن بوشىتىلدى.

ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ۋە تۈرك كېڭىشى قاتارلىق رايونلۇق تەشكىلاتلارنىڭ يىغىنلىرى، 2020-يىلى توردا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تەشكىلاتلار ئىچىدە، تۈرك كېڭىشى 2020-يىلى ئۈنۈملۈك پائالىيەتلىرى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشتى. مەسىلەن، تۈرك كېڭىشى دۇنيادىكى «كوۋىد 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە تور يىغىنى چاقىرغان تۇنجى خەلقئارالىق تەشكىلات سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى. سەھىيەدىن قاتناشقىچە، ئېنېرگىيەدىن ئىقتىسادقىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە، تۈرك كېڭىشى تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يىغىپ ئېيتقاندا، 2020-يىلى، رايونغا نىسبەتەن ھەم قايغۇ  - ھەسرەت ھەم خۇشاللىق يىلى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر