رۇسىيەدە بومباردىمانچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

رۇسىيەنىڭ ستاۋروپول رايونىدا بومباردىمانچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.

2129599
رۇسىيەدە بومباردىمانچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنتېرفاكىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، «Tu-22M3» تىپلىق  ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەتىگەن تەرەپلەردە ستاۋروپول رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن سەكرىگەن تۆت ئۇچقۇچىدىن ئۈچى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، تۆتىنچى ئۇچقۇچىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيەنىڭ «Tu-22M3» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر