ب د ت: غەززەدىكى خارابىلىك ئۇكرائىنادىكىدىن كۆپ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىسرائىلىيەنىڭ 7 ئايدىن بۇيانقى ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان غەززەدىكى خارابىلىك ۋە ئەخلەت دۆۋىلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئۇكرائىنادىكى خارابىلىك ۋە ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2134342
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مىناغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى (UNMAS) ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان خارابىلىك ھەققىدىكى مۆلچەرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشتى.