ب د ت ئىسىرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە جىددىي ئىشلار كوردىناتورى مارتىن گرىفىتس (MartinGriffiths): «غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش، رەفاھقا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنى قانۇنلاشتۇرۇش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ» دېدى.

2134094
ب د ت ئىسىرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە جىددىي ئىشلار كوردىناتورى مارتىن گرىفىتس ئىسىرائىلىيەنىڭ رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ، سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان غايەت زور تىراگېدىيەلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىسىرائىلىيەنى رەفاھقا ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئەمما ھۇجۇمنىڭ پات ئارىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈمنى يىڭىش ئۈچۈن قاتتىق رىقابەتلىشىۋاتىمىز، ئەمما مەغلۇب بولدۇق. ئىسىرائىلىيەنىڭ يېڭى ئۆتۈش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. بارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى تارقىتىش ئىشلىرى قوغدىلىشى كېرەك. غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش، رەفاھقا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنى قانۇنلاشتۇرۇش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر