ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى

خەلقئارا ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى بىخەتەرلىك قايغۇلىرى سەۋەبىدىن ئىسىرائىلىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىشقا ياكى كېچىكتۈرۈشكە باشلىدى.

2128839
ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران-ئىسىرائىلىيە جىددىيچىلىكى خەلقئارا ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنى رايونغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتىدىن پىلانلاشقا مەجبۇرلىدى.

ئەنگلىيەنىڭ «Wizz Air» ھاۋا يولى شىركىتى ئىراننىڭ 13-ئاپرېل ئىسىرائىلىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 14-15-ئاپرېل كۈنلىرىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

ئەنگلىيەنىڭ «easyJet» ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ ئىران-ئىسىرائىلىيە جىددىيچىلىكى سەۋەبىدىن تېل ئاۋىۋغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى 27-ئۆكتەبىرگىچە ئەمەلدىن قالدۇردى.

گېرمانىيەنىڭ «KLM» ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسىرائىلىيەگە 21-ئاپرېلغىچە ئايروپىلان قاتنىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئىسىرائىلىيە ۋە ئىران ھاۋا تەۋەلىكىدىن بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ لۇفخانسا ھاۋا يوللىرى شىركىتى (Lufthansa Group) ئەمەلدىن قالدۇرغان تېل ئاۋىۋ سەپەرلىرىنى 16-ئاپرېل (2024) دىن باشلاپ ئەسلىگە كەلتۈردى. ئايروپىلانلارنىڭ ئىران ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتى (Air India) مۇ تېل ئاۋىۋ سەپەرلىرىنى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «United Airlines» ھاۋا يوللىرى شىركىتى 1-مايغىچە تېل ئاۋىۋ سەپەرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئۇ ۋاقىتقىچە بېلىتى بولغان يولۇچىلارنىڭ بېلەت پۇلىنىڭ تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كانادا ھاۋا يوللىرى شىركىتى (Air Canada) 20-ئاپرېل (2024) دىكى تېل ئاۋىۋ ئايروپىلان سەپىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ۋە رايون ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئايروپىلان سەپەرلىرى ۋاقتىنىڭ قايتىدىن پىلانلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاۋستىرالىيەنىڭ «Qantas» ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانلارنىڭ ئىران ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى لىنيەنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «Virgin Atlantic» ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولسا، ئايروپىلانلارنىڭ ئىران، ئىراق ۋە ئىسىرائىلىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتمەيدىغانلىقىنى، ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىلىپپىننىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسى ئىسىرائىلىيەگە مەجبۇرىي قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇزۇن مۇددەت ساياھەتكە كەلمەسلىكنى ياكى ۋەزىيەت مۇقىملاشقىچە كەلمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر