پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 17 ئادەم قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر-پاختونخۋا ئۆلكىسىدە ئۇدا 3 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 17 ئادەم قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى.

2133883
پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 17 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پاكىستان رايونلۇق ئاپەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، خەيبەر-پاختونخۋا ئۆلكىسىدە ئۇدا 3 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 5 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 ئادەم قازا قىلغان، 23 ئادەم يارىلان، 148 كالا ھالاك بولغان، 116 ئۆي ۋەيران بولغان، بەزى يوللار تاقىلىپ قالغان.

ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش، يوللارنى رېمونت قىلىش خىزمىتى ئىشلەشكە باشلىغان.

پاكىستان رايونلۇق ئاپەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىشى توغرىلىق يوليۇرۇق چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر