شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ يادرو قورالى سىنىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئىككىلەمچى يادرو سىنىقى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يادرو چېكىندۈرۈش قۇدرىتىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2141800
شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ يادرو قورالى سىنىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى  — «يونخاپ»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان باياناتچىسى، دۆلىتىنىڭ يادرو چېكىندۈرۈش ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ يادرو ئۇرۇشى تەھدىتى ھەققىدە سۆز قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى، پيوڭياڭنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭسىزلىق ۋە بىخەتەرلىك بوشلۇقىغا ئايلاندۇرۇلۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىككىلەمچى يادرو قورالى سىنىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن باياناتچى، شىمالىي كورېيەنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ يادرو ئۇرۇشى تەھدىتىگە قارشى كۈچلۈك چېكىندۈرۈش قەدەملىرى ئارقىلىق بىخەتەرلىكىنى، خەلقىنى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا دۆلەتلىك يادرو بىخەتەرلىك ئىدارىسى (NNSA) ئۆتكەن ھەپتە نېۋادادا «ئىككىلەمچى يادرو قورالى سىنىقى» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

«ئىككىلەمچى سىناق» 150 كىلوگرامدىن تۆۋەن يادرو قوراللىرى سىناقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر