رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى «خاررىي پوتتېر قەلئەسى» گە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى
ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىكى يەرلىك خەلق «خاررىي پوتتېر قەلئەسى» دەپ ئاتايدىغان بىناغا قىلىنغان رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇمىدا، 4 كىشى قازا قىلدى.
2133784
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى (DSNS) تۈنۈگۈن (29-ئاپرېل) رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا پورتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمىدا 4 كىشى قازا قىلىپ، 32 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم يۈز بەرگەندە سابىق پارلامېنت ئەزاسى سېرخىي كىۋالوۋمۇ بىنادا بار ئىكەن.
بۇ بىنا سابىق پارلامېنت ئەزاسى سېرخىي كىۋالوۋ رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئودېسسا قانۇن ئاكادېمىيەسىگە ساھىبخانلىق قىلماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.