مېكسىكادا بىر خۇسۇسىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، 3 كىشى قازا قىلدى
مېكسىكادا بىر خۇسۇسىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۇچقۇچىنى قوشقاندا، جەمئىي 3 كىشى قازا قىلدى.
2128146
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، تىك ئۇچارنىڭ پايتەخت مېكسىكا شەھىرىنىڭ كويوكان رايونىدا چۈشۈپ كېتىپ ئوت ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقەدە 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە رايونغا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ يوللانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ھادىسىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلاندى.