ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئائىلىلىرى پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىردى
غەززەدىكى ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئائىلىلىرى ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، غەربىي قۇددۇستىكى ئىسىرائىلىيە پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كىردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسىرلەرنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت تارتىشنى مەقسەت قىلغان ئەسىرلەرنىڭ ئائىلىلىرى ۋە يېقىن يورۇقلىرى، پارلامېنت بىناسىنىڭ مېھمانلارنى كۈ تۈۋېلىش زالىنىڭ دېرىزىلىرىنى سېرىق رەڭدە بويىدى. ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئەسىر ئائىلىلىرىنى قوللىدى.
ئەسىر ئائىلىلىرى ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن پات-پات باش مىنىستىر نېتانياھۇنى ئىستېپاغا چاقىرىپ كەلمەكتە. 2-ئاپرېل (2024) غەززەدىكى ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئائىلىلىرى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن تەشكىللەنگەن مىڭلارچە نامايىشچى، نېتانياھۇنىڭ غەربىي قۇددۇستىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان ئىدى. نامايىشتا، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.